1_ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. 2چۈنكى، سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ. 3نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن؟! 4ئۆزۈڭدە شۇنچە چوڭ گۇناھ تۇرۇقلۇق، بۇرادىرىڭگە: «كۆزۈڭدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەي!» دېگىنىڭ قانداق گەپ؟ 5ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت. بۇنىڭ بىلەن، ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەلەيسەن. [داۋامى]
37_ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر. باشقىلارنى ئەيىبلىمەڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. [داۋامى]
15ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ سىلەر كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى ئالىيجاناب قىلىپ كۆرسىتىسىلەر. لېكىن، خۇدا كۆڭلۈڭلارنى ياخشى بىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قەدىرلەيدىغىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر. [داۋامى]
24تەكشۈرمەي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلماڭلار، ھۆكۈمۈڭلار ئادىل بولسۇن! [داۋامى]
3خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ماڭا ئاتا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلارنى ئارتۇقچە باھالىماڭلار. ئەكسىچە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن خۇدا سىلەرگە بەرگەن ئېتىقاد جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار. [داۋامى]
3سىلەر ئېيتىڭلارچۇ، مەن ئىشەنچلىك خىزمەتكارمۇ؟ كىشىلەر ماڭا قانداق باھا بەرسە بېرىۋەرسۇن. ئىشقىلىپ، ئۇلارنىڭ باھاسى ماڭا نىسبەتەن ئەرزىمەس بىر ئىشتۇر. ھەتتا ئۆزۈممۇ ئۆزۈمگە باھا بەرمەيمەن. 4مەن ئۆز خىزمىتىمدە خاتالىق يوق دەپ قارىساممۇ، لېكىن بۇ پىكرىم ئۆزۈمنى ئاقلىيالمايدۇ. خىزمىتىمنى باھالىغۇچى پەقەت رەببىمدۇر. 5شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ. [داۋامى]
11قېرىنداشلار، بىر-بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. قېرىندىشىڭلارنى سۆكسەڭلار ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدانىڭ «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار» دېگەن قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى قارار قىلىدىغان سوتچى ئەمەسسىلەر. سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت. 12پەقەت خۇدالا قانۇن تۈزگۈچى ۋە ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، قۇتقۇزۇش ۋە ھالاك قىلىش پەقەت خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن كېلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشقا سىلەرنىڭ نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟! [داۋامى]