1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى سىناپ، ئۇنى:
_ ئىبراھىم! _ دەپ چاقىردى.
ئىبراھىم:
_ لەببەي! _ دېدى.
2خۇدا ئۇنىڭغا:
_ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى ئامراق يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا رايونىغا بېرىپ، مەن كۆرسىتىدىغان تاغنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا ئاتىغىن، _ دېدى.
3ئەتىسى سەھەردە، ئىبراھىم ئېشەكنى ئېگەرلەپ، ئىسھاق بىلەن ئىككى چاكىرىنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ، خۇدا كۆرسەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى. 4ئۈچىنچى كۈنى، ئىبراھىم ئۇ يەرنى يىراقتىن كۆردى 5ۋە چاكارلىرىغا:
_ سىلەر ئېشەك بىلەن بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. بالام ئىككىمىز ئۇ يەرگە بېرىپ، ئىبادەت قىلىپ كېلەيلى، _ دېدى.
6ئىبراھىم ئىسھاققا ئوتۇنلارنى كۆتۈرتۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوت ئېلىپ، ئىسھاق بىلەن يۈرۈپ كەتتى. 7ئىسھاق:
_ ئاتا، _ دەپ چاقىردى.
ئىبراھىم:
_ ھە، ئوغلۇم؟ _ دېدى.
_ ئوت بىلەن ئوتۇن بار، لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىلىدىغان قوزا قېنى؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق.
8ئىبراھىم ئۇنىڭغا:
_ ئەي ئوغلۇم! قۇربانلىق قىلىدىغان قوزىنى خۇدا ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئىككىيلەن توختىماي مېڭىۋەردى.
9ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا كۆرسەتكەن جايغا كەلگەندە، ئىبراھىم قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئوتۇنلارنى ئۈستىگە قويۇپ، ئۆز ئوغلىنى باغلاپ، ئوتۇن دۆۋىلەنگەن سۇپىغا ياتقۇزدى. 10ئاندىن، ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن پىچاقنى كۆتۈردى. 11بىراق، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئەرشتىن:
_ ئىبراھىم! ئىبراھىم! _ دەپ، ۋاقىرىدى.
_ لەببەي! _ دېدى ئۇ.
12پەرىشتە ئۇنىڭغا:
_ قولۇڭنى تارت! بالىغا چېقىلما! سېنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭنى ئەمدى كۆردۈم. چۈنكى، سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى بىر تال ئوغلۇڭنىمۇ مەندىن ئايىمىدىڭ، _ دېدى.
13ئىبراھىم ئەتراپىغا قارىۋىدى، مۈڭگۈزى چاتقالغا ئېلىشىپ قالغان بىر قوچقار ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقتى. ئۇ بېرىپ قوچقارنى يېشىپ، ئۇنى ئۆز ئوغلىنىڭ ئورنىدا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى.
14شۇڭا، ئىبراھىم ئۇ يەرنى ياھۋە-يىرەھ [مەنىسى «پەرۋەردىگار تەمىنلەيدۇ»] دەپ ئاتىدى. ھازىرغا قەدەر كىشىلەر «پەرۋەردىگار ئۆز تېغىدا تەمىنلەيدۇ» دېيىشىدۇ.
15پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككىنچى قېتىم ئاسماندىن ئىبراھىمغا:
16_ پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «سەن سۆيۈملۈك بىر تال ئوغلۇڭنى ئايىمىغانىكەنسەن، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 17ساڭا بەخت ئاتا قىلىش بىلەن، نۇرغۇن ئەۋلادلارنى بېرىمەن. ئۇلارنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىللىرىدىكى قۇمدەك كۆپ بولىدۇ. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ دۈشمەن شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. 18مېنىڭ ئەمرىمگە ئىتائەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر بەختكە ئېرىشىدۇ» _ دېدى.
19ئىبراھىم چاكارلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئۆزى ئولتۇراقلاشقان يەرگە، يەنى بەئەرشەباغا قايتتى. [داۋامى]
16ئىستىمەيسەن قۇربانلىق قىلىشنى، بولمىسا قىلار ئىدىم ئۇنى،
كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلساممۇ خۇرسەن قىلماس كۆڭلۈڭنى.
17خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىق _ دەل قەلبنىڭ پۇشايمىنى،
ئى خۇدا، تەرك ئەتمەيسەن پۇشايمان قىلىپ توۋا قىلغان كۆڭۈلنى. [داۋامى]
3ئادەمنىڭ ھەققانىي ۋە ئادىل ئىش قىلىشى،
قۇربانلىق قىلغىنىدىنمۇ بەكرەك خۇرسەن قىلار پەرۋەردىگارنى. [داۋامى]
29ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:
_ مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر! [داۋامى]
1تەۋرات قانۇنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈسىدە ئېلىپ كېلىدىغان گۈزەل ئىشلارنىڭ ئۆز ئەينىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كۆلەڭگىسىنىلا سۈرەتلەپ بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنى ئۆزىگە ئەمەل قىلىپ، يىلمۇيىل ئوخشاش قۇربانلىقلارنى ئاتاش ئارقىلىق خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان ئادەملەرنى ھەرگىزمۇ گۇناھلىرىدىن پاك قىلالمايدۇ. 2ئەگەر پاك قىلالىغان بولسا، قۇربانلىق قىلىش ئاخىرلىشاتتى-دە، ئىبادەت قىلغۇچىلارمۇ گۇناھلىرىدىن بىراقلا پاكلىنىپ، ۋىجدانى يەنە ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلانمايتتى. 3ھالبۇكى، ئۇ قۇربانلىقلار ئۇلارغا ئۆز گۇناھلىرىنى ھەر يىلى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. 4چۈنكى، بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قېنى ئىنسانلارنى گۇناھتىن ھەرگىز پاك قىلالمايدۇ. 5شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ دۇنياغا كەلگەندە مۇنداق دېگەن:
«ئىنسانلاردىن قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەرنى تەلەپ قىلمىدىڭ،
لېكىن مەن ئۈچۈن بىر تەن ھازىرلىدىڭ.
6كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ ئۈچۈن سۇنۇلغان باشقا قۇربانلىقلاردىنمۇ خۇرسەن بولمىدىڭ.
7شۇڭا دېدىمكى، ‹ئى خۇدا، سېنىڭ قانۇن دەستۇرۇڭدا مەن توغرۇلۇق يېزىلغىنىدەك،
سېنىڭ ئىرادەڭنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم.›»
8ئەيسا مەسىھ ئالدى بىلەن خۇداغا: «قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەرنى تەلەپ قىلمىدىڭ. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ ئۈچۈن سۇنۇلغان باشقا قۇربانلىقلاردىنمۇ خۇرسەن بولمىدىڭ» دېگەن. بۇ قۇربانلىقلار تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە قىلىنسىمۇ، ئۇ يەنىلا شۇنداق دېگەن. 9ئاندىن كېيىن، يەنە: «سېنىڭ ئىرادەڭنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم» دېگەن. دېمەك، خۇدا كېيىنكى قۇربانلىقنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇرۇنقى قۇربانلىق قىلىش قائىدىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. 10خۇدانىڭ بۇ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆز تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا ئاتالدۇق.
11روھانىيلار ھەر كۈنى قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدا تۇرۇپ، ئىبادەت خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن گۇناھلارنى يۇيالمايدىغان ئوخشاش خىلدىكى قۇربانلىقلارنى خۇداغا قايتا-قايتا سۇنىدۇ. 12بىراق، بىزنىڭ روھانىيىمىز بولسا ئۆزىنى قۇربان قىلىش بىلەن گۇناھلارنى يۇيىدىغان بىرلا قېتىملىق، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك قۇربانلىقنى خۇداغا سۇندى. ئاندىن ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، 13دۈشمەنلىرىنىڭ ئۆز ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈرۈلۈشىنى كۈتمەكتە. 14ئۇ مۇشۇ بىر قۇربانلىق بىلەن ئۆزىنى خۇداغا ئاتىغان كىشىلەرنى خۇدانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ مۇكەممەل قىلدى. [داۋامى]
12ئۇ بۇ ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ قۇربانلىق قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنىنى تۆكۈش ئارقىلىق بىرلا قېتىم كىردى. مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، ئىنسانلارنى مەڭگۈگە ئازاد قىلدى. 13كونا ئەھدە دەۋرىدە ئۆچكە ۋە بۇقىلارنىڭ قېنى ھەم ئىنەكنىڭ كۈلى ناپاكلارنىڭ ئۇچىسىغا سېپىلسە، ئۇلار سىرتقى جەھەتتە تازىلىنىپ پاك بولاتتى. 14ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ! [داۋامى]
22_ پەرۋەردىگار ھەرقانداق كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلاردىن كۆرە، ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەسمۇ؟ _ دېدى سامۇئىل، _ بىلگىنكى، ئىتائەت قىلىش، قۇربانلىق قىلىشتىن ياخشىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، قوچقار مېيىنى كۆيدۈرۈپ ھەدىيە قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. [داۋامى]