1پەرۋەردىگار ئىبرامغا مۇنداق دېدى:
_ سەن يۇرتۇڭدىن چىقىپ، ئاتاڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن كۆرسەتمەكچى بولغان يەرگە بارغىن.
2«مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ،
ئۇلارنى بىر چوڭ خەلق قىلىمەن.
مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن.
شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر سەن ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ.
3ساڭا بەخت تىلىگەنلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن،
ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارغا لەنەت ياغدۇرىمەن.
سەن ئارقىلىق ھەممە مىللەتلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن!»
4ئىبرام يەتمىش بەش يېشىدا پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇقى بىلەن ھاران شەھىرىدىن كەتتى، لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتتى. 5ئىبرام ئايالى ساراھ بىلەن جىيەنى لۇتنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاران شەھىرىدە تاپقان بايلىقى ۋە قۇللىرىنى ئېلىپ، كەنئان رايونىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇلار كەنئان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن، [داۋامى]
1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئىبرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا:
_ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولۇپ، ناھايىتى زور ئىنئام بېرىمەن، _ دېدى.
2لېكىن، ئىبرام:
_ ئى ئىگەم خۇدا، مېنىڭ پەرزەنتىم بولمىسا، سېنىڭ بەرمەكچى بولغان ئىنئامىڭنىڭ پايدىسى نېمە؟ مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇم _ دەمەشقتىن كەلگەن چاكىرىم ئەلىئەزەر بولىدۇ. 3سەن ماڭا پەرزەنت بەرمىدىڭ، شۇڭا مېنىڭ تەئەللۇقاتىمغا چاكىرىم مىراسخور بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.
4ئارقىدىنلا، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە يەنە: «چاكىرىڭ ئېلىيەزەر سېنىڭ مىراسخورۇڭ بولمايدۇ، پەقەت ئۆزۈڭدىن بولغان ئوغۇللا مىراسخورۇڭ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.
5شۇندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا:
_ ئاسمانغا قاراپ، يۇلتۇزلارنى سانىيالايدىغان بولساڭ ساناپ باق، سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە شۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! _ دېدى. [داۋامى]
1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى سىناپ، ئۇنى:
_ ئىبراھىم! _ دەپ چاقىردى.
ئىبراھىم:
_ لەببەي! _ دېدى.
2خۇدا ئۇنىڭغا:
_ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى ئامراق يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا رايونىغا بېرىپ، مەن كۆرسىتىدىغان تاغنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا ئاتىغىن، _ دېدى.
3ئەتىسى سەھەردە، ئىبراھىم ئېشەكنى ئېگەرلەپ، ئىسھاق بىلەن ئىككى چاكىرىنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ، خۇدا كۆرسەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى. [داۋامى]
10ئاندىن، ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن پىچاقنى كۆتۈردى. 11بىراق، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئەرشتىن:
_ ئىبراھىم! ئىبراھىم! _ دەپ، ۋاقىرىدى.
_ لەببەي! _ دېدى ئۇ.
12پەرىشتە ئۇنىڭغا:
_ قولۇڭنى تارت! بالىغا چېقىلما! سېنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭنى ئەمدى كۆردۈم. چۈنكى، سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى بىر تال ئوغلۇڭنىمۇ مەندىن ئايىمىدىڭ، _ دېدى.
13ئىبراھىم ئەتراپىغا قارىۋىدى، مۈڭگۈزى چاتقالغا ئېلىشىپ قالغان بىر قوچقار ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقتى. ئۇ بېرىپ قوچقارنى يېشىپ، ئۇنى ئۆز ئوغلىنىڭ ئورنىدا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. [داۋامى]
9ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. [داۋامى]
1ئۇنداقتا، بىز يەھۇدىي ئەۋلادلىرى ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغانلىقىدىن نېمىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك؟ 2ئەگەر ئىبراھىم ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭ ماختىنىشقا ھەققى بولاتتى. لېكىن، خۇدانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ماختىنىشقا ھەققى يوق. 3چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. خۇدا ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى.» 4ئەمگەك قىلغۇچىنىڭ ئالغىنى سوۋغات ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەققى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. [داۋامى]
6مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم، دەپ ھېسابلىدى» دېيىلگەن. [داۋامى]
8ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغان زېمىنغا چاقىرىلغاندا، ئۇ خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى. 9ئۇ ۋەدە قىلىنغان جايغا بېرىپ، بۇ ياقا يۇرتتا چېدىرلاردا تۇرۇپ، ئېتىقادى بىلەن ياشىدى. خۇدانىڭ ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ مىراسخورلىرى بولغان ئىسھاق ۋە ياقۇپلارمۇ شۇنداق چېدىرلاردا تۇردى. 10ئىبراھىمنىڭ شۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن لايىھىلىنىپ سېلىنغان، ئۇلى مۇستەھكەم مەڭگۈلۈك شەھەرنى كۈتكەنىدى. [داۋامى]