21شۇ چاغدا ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭدىن:
_ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ، يىغلىدىلا. بالا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بولسا ئەكسىچە غىزا يېدىلا، بۇ قانداق قىلغانلىرى؟ _ دەپ سورىدى.
22داۋۇت ئۇلارغا:
_ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ يىغلىشىم؛ پەرۋەردىگار ماڭا شەپقەت قىلىپ، بالىنى ھايات قالدۇرارمىكىن، دېگەن ئويدا بولغانلىقىمدىن ئىدى. 23ئەمدى ئۇ ئۆلۈپ كەتتى، يەنە نېمىشقا روزا تۇتىدىكەنمەن؟ ئۇنى تىرىلدۈرۈۋالالايتتىممۇ؟ مەن ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، لېكىن ئۇ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. [داۋامى]
1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
«يۇقىرى ئاۋازدا سۈرەن سال، توختاپ قالما،
ئاۋازىڭ ياڭراق بولسۇن، خۇددى بۇرغا چالغاندەك،
خەلقىمگە ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كۆرسەت.
ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى بايان قىل.
2ئۇلار ھەر كۈنى مەندىن ئۆتۈنىدۇ،
‹سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمىز!› دەيدۇ.
خۇددى توغرا يولدا ماڭغان خەلقتەك،
مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن ئايرىلىپ باقمىغاندەك،
ئۇلار مەندىن ئادالەتنىڭ ھۆكۈمىنى سورايدۇ،
ئۇلار ئۆزلىرىنى ماڭا يېقىنلىشىشنى خالايدىغاندەك كۆرسىتىدۇ.
3ئۇلار ماڭا: ‹سەن بىزنىڭ روزا تۇتقىنىمىزنى نېمىشقا كۆرمەيسەن؟
بىز تاماق يېمەي جاپا چەكسەك، نېمىشقا پەرۋا قىلمايسەن؟› دەپ سورايدۇ.
قاراڭلار، سىلەر روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردىمۇ يەنىلا شەخسىي مەنپەئەتىڭلارنى ئويلايسىلەر،
سىلەر ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن كىشىلەرنى ئېزىسىلەر.
4قاراڭلار، سىلەر روزا تۇتتىڭلار، لېكىن روزا تۇتۇپ تۇرۇپ، يەنىلا جەڭگى-جېدەل قىلىپ،
قەبىھلىك بىلەن ئادەم ئۇرىسىلەر.
سىلەرنىڭ بۇنداق روزا تۇتۇشىڭلار ئاۋازىڭلارنىڭ ئەرشكە يېتىپ بېرىشىغا مۇمكىنچىلىك بېرەمدۇ؟
5مەن مۇشۇنداق روزا تۇتۇشىڭلارنى تەلەپ قىلغانمۇ؟
مەن سىلەرنىڭ تاماق يېمەي جاپا چېكىشىڭلارنىلا تەلەپ قىلغانمۇ؟
ئەجەبا مەن ئادەملەرنى قومۇشلاردەك باش ئېگىپ،
كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلنىڭ ئۈستىدە يېتىڭلار دېدىممۇ؟
سىلەر بۇنى روزا تۇتۇش دەپ ئويلامسىلەر؟
مەن پەرۋەردىگار بۇنىڭدىن خۇرسەن بولامدىمەن؟
6مېنى خۇرسەن قىلىدىغان روزا،
رەزىللىكنىڭ ئارغامچىسىنى بوشىتىش بولماستىن،
ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ،
بويۇنتۇرۇقنىڭ تانىسىنى يېشىپ تاشلاش،
بارلىق بويۇنتۇرۇقلارنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟
7يېمەكلىكلىرىڭلارنى ئاچلارغا بۆلۈپ بېرىش،
سەرگەردانلارنى ئۆيۈڭلەردە قوندۇرۇش،
يالىڭاچلارغا كىيىم كىيىدۈرۈش ئەمەسمىدى؟
تۇغقانلىرىڭلاردىن يۈز ئۆرۈمەي، بەلكى ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئەمەسمىدى؟ [داۋامى]
14شۇ ۋاقىتلاردا، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا:
_ بىز ۋە پەرىسىيلەر روزا تۇتىمىز، سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا تۇتمايدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.
15ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
_ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرغان چاغدا، مېھمانلار ھازا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولغىنى!؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ! ئەمما يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇلار قايغۇ-ھەسرەت چەككىنىدىن روزا تۇتىدۇ. [داۋامى]
14شۇ ۋاقىتلاردا، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا:
_ بىز ۋە پەرىسىيلەر روزا تۇتىمىز، سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا تۇتمايدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.
15ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
_ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرغان چاغدا، مېھمانلار ھازا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولغىنى!؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ! ئەمما يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇلار قايغۇ-ھەسرەت چەككىنىدىن روزا تۇتىدۇ.
16ھېچكىم كونا كۆڭلەككە كىرىشىپ كېتىدىغان يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، كىيىم يۇيۇلغاندا يېڭى ياماق كىرىشىپ، كىيىمنى يىرتىپ تاشلايدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. 17شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. دېمەك، تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ھەر ئىككىلىسىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. [داۋامى]
9ھەزرىتى ئەيسا، ئۆزلىرىنى ئادالەتچى دەۋېلىپ، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىتىپ، يەنە بىر تەمسىل ئېيتتى:
10_ ئىككى كىشى دۇئا قىلىش ئۈچۈن مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى پەرىسىي، يەنە بىرى باجگىر ئىكەن. 11پەرىسىي خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ مەغرۇرانە ھالدا: «ئى خۇدا! مېنىڭ باشقىلاردەك ئالدامچى، گۇناھكار، زىناخورلاردىن بولۇپ قالمىغىنىمغا، بولۇپمۇ بۇ باجگىرغا ئوخشىمىغىنىمغا شۈكۈر. 12مەن ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن روزا تۇتىمەن ۋە پۈتۈن ئىش ھەققىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىمەن» دەپ دۇئا قىپتۇ.
13بىراق، ھېلىقى باجگىر باشقىلاردىن نېرى ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، مەيۈسلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «ئى خۇدايىم، مەن گۇناھكار. ماڭا رەھىم قىلغايسەن» دەپتۇ. 14ئاڭلاپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ ئىككىيلەندىن ھېلىقى پەرىسىي ئەمەس، بەلكى باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيگە قايتىپتۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ. [داۋامى]