11سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئىسمائىل [مەنىسى «ئاڭلىغۇچى خۇدا»] قويغىن، چۈنكى سېنىڭ داد-پەريادىڭ پەرۋەردىگارغا يەتتى. 12سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ مىجەزى بىر ياۋا ئېشەككە ئوخشايدۇ. ھەممە يەرگە بېرىپ، كىشىلەر بىلەن جېدەل چىقىرىدۇ. كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ تۇغقانلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ ياشايدۇ. [داۋامى]
15ھەجەر ئىبرامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئىبرام ئۇنىڭغا ئىسمائىل دەپ ئات قويدى. [داۋامى]
20ئىسمائىلغا كەلسەك، ئۇ توغرىسىدىكى تەلىپىڭنىمۇ ئاڭلىدىم. مەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ناھايىتى كۆپەيتىمەن. ئۇ ئون ئىككى پادىشاھنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلۇغ بىر مىللەتكە ئايلاندۇرىمەن. 21بىراق، مېنىڭ ئەھدەم بولسا كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا سارە ساڭا تۇغۇپ بېرىدىغان ئوغۇل _ ئىسھاق بىلەن باغلىنىشلىق. [داۋامى]