1ئەخمەقلەر ئۆز كۆڭلىدە «خۇدا يوق» دەر،
ئەسلىدە ئۇلار رەزىل، بۇزۇقلاردۇر.
ئۇلاردىن بىرمۇ توغرا يولدا ماڭغۇچى يوقتۇر. [داۋامى]
33مۇنداق سۆزلەرگە ئالدانماڭلار، چۈنكى «يامان بىلەن دوست بولساڭ، ياخشى ئەخلاقنى بۇزار.» [داۋامى]
14ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا كىرمەڭلار. چۈنكى، ھەققانىيلىق بىلەن ھەققانىيسىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن!؟ يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق قانداقمۇ چىقىشالىسۇن!؟ 15مەسىھ بىلەن شەيتان قانداقمۇ كېلىشەلىسۇن!؟ ئېتىقادچىلار بىلەن ئېتىقادسىزلارنىڭ نېمە ئورتاقلىقى بولسۇن!؟ 16خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن بۇتلار ئارىسىدا قانداقمۇ بىرلىك بولسۇن!؟ بىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك:
«خەلقىم ئىچىدە تۇرىمەن،
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن.
ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن،
ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.»
17شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
«ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار.
ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار،
شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.»
«ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:
18‹سىلەرگە ئاتا بولىمەن.
سىلەرمۇ مېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر.› دەيدۇ.» [داۋامى]
22شۇڭا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى تارت. پاك قەلب بىلەن رەببىمىزنى چاقىرغان باشقا كىشىلەر بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناقلىقنى ئىزدە. 23ئەخمىقانە ۋە بىھۇدە تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل. چۈنكى، بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن. 24رەببىمىزنىڭ خىزمەتكارى جېدەلخور بولماسلىقى، ئەكسىچە ھەممىگە مېھرىبان ۋە تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك. 25رەببىمىزنىڭ تەلىمىگە قارشى تۇرغانلارغىمۇ مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلىش كېرەك. بەلكىم خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن توۋا قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. 26بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولغان شەيتاننىڭ تورىدىن قۇتۇلالايدۇ. [داۋامى]