29ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە ئېغىر-بېسىق كىشى،
ئاشكارىلار ئەخمەقلىقىنى چېچىلغاق كىشى. [داۋامى]
6تەربىيىلە بالاڭنى توغرا يولدا مېڭىشقا،
چوڭ بولغاندىمۇ شۇ يولدىن چىقماس ئۇ شۇندا. [داۋامى]
3گەرچە پۈتۈن مېلىمنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتسەممۇ، ھەتتا خۇدانىڭ خىزمىتىدە جېنىمنى قۇربان قىلىپ، تېنىمنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشىگە رازى بولساممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، بۇ قىلغانلىرىمنىڭ ماڭا ھېچ پايدىسى يوقتۇر.
4مېھىر-مۇھەببەت سەۋرچان ۋە مېھرىباندۇر. مېھىر-مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، ماختانچاقلىق ۋە تەكەببۇرلۇقمۇ قىلمايدۇ. 5مېھىر-مۇھەببەت ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. 6مېھىر-مۇھەببەت ناھەقچىلىكتىن خۇرسەن بولمايدۇ، ئەكسىچە ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ. 7مېھىر-مۇھەببەت ھەممىگە بەرداشلىق بېرىدۇ، ھەممىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۈمىدۋار ۋە چىداملىق بولىدۇ. [داۋامى]
22ۋەھالەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشنىڭ بېرىدىغان مېۋىلىرى مېھىر-مۇھەببەت، خۇشال-خۇراملىق، تىنچ-ئامانلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، سادىقلىق، 23مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇلار ھېچقانداق قانۇنغا زىت ئەمەستۇر. [داۋامى]
2سىلەر ھەمىشە كەمتەر، مۇلايىم، سەۋرچان بولۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. [داۋامى]
14قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمىزكى، بىكار تەلەپلەرنى ئويغىتىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلىقى بولغانلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرچان بولۇڭلار. [داۋامى]
11قاتتىق تەربىيە بىلەن تۈزىتىلگەن ئادەم تۈزىتىش بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خۇشال بولمايدۇ، كۆڭلى بۇزۇلىدۇ. بىراق، كېيىن ئۇ بۇنداق تۈزىتىش بىلەن تاۋلىنىپ، ئامانلىق ۋە ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدۇ. [داۋامى]