1پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا،
ئىزدەيمەن سېنى ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا.
سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى،
تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا.
2مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ نەزەر سالسام،
كۈچ-قۇدرەت، شان-شەرىپىڭنى كۆرۈۋالسام.
3ھاياتتىنمۇ قىممەتتۇر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ،
شۇڭا سېنى مەدھىيەلەر تىلىم مېنىڭ. [داۋامى]