10بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئىبادەتخانىدا كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتاتتى. 11ئۇ يەردە ئۇ، جىن چاپلاشقىلى ئون سەككىز يىل بولغان بىر ئايالنى كۆردى. بۇ ئايالنىڭ بېلى پۈكۈلگەن بولۇپ، رۇسلىنىپ تىك تۇرالمايتتى. 12ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ:
_ خانىم، كېسىلىڭىز ساقايدى! _ دەپ، 13قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ھېلىقى ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.
14ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتقانلىقىنى كۆرگەن ئىبادەتخانا مەسئۇلى غەزەپ بىلەن كۆپچىلىككە:
_ ئىش ۋاقتىمىز ئالتە كۈن. شىپالىق ئىزدىگۈچىلەر دەم ئېلىش كۈنىدىن باشقا شۇ ئالتە كۈن ئىچىدە كېلىشى كېرەك، _ دېدى.
15رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ئەي ساختىپەزلەر، دەم ئېلىش كۈنى ئۆكۈز ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى ئېلىپ بارىسىلەرغۇ!؟ بۇ ھەرىكىتىڭلارنى ئىش دەپ ھېسابلىمامسىلەر؟! 16ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بۇ ئايال ئون سەككىز يىلدىن بېرى شەيتاننىڭ سىرتمىقىدا تۇرۇپتۇ. ئەمدى دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ ئۇنى سىرتماقتىن بوشىتىۋەتسەم يامان بوپتۇمۇ؟!
17ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سۆزى رەقىبلىرىنى خىجالەت قىلدى. كۆپچىلىك بولسا ئۇنىڭ ياراتقان ئاجايىپ مۆجىزىلىرىدىن خۇرسەن بولدى. [داۋامى]