21قەرز ئېلىپ قايتۇرمايدۇ رەزىللەر،
ھەققانىيلار شەپقەت بىلەن ساخاۋەت قىلار. [داۋامى]
14ئەگەر بىرى باشقا بىرىنىڭ ئۇلىغىنى ئارىيەت ئالغان بولسا، بۇ ئۇلاغ ئىگىسى يوق يەردە زەخىملەنگەن ياكى ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئارىيەت ئالغۇچى ئۇلاغنى تۆلەپ بەرسۇن. 15ئەگەر ئىگىسى نەق مەيداندا بولسا، تۆلىمىسۇن. ئەگەر ئىجارىگە ئالغان بولسىمۇ، ئىجارىگە ئالغۇچى تۆلىمىسۇن. چۈنكى، ئۇ ئىجارە ھەققى تۆلىگەن. [داۋامى]
7باي كەمبەغەلنى باشقۇرار،
قەرزدار قەرز بەرگۈچىنىڭ قۇلى بولار. [داۋامى]
26بولما قول بېرىپ كېپىل بولغۇچىلاردىن،
قەرز تۆلەشكە كاپالەت بەرگۈچىلەردىن،
27قايتۇرغۇدەك نەرسەڭ بولمىغاندا ئۆزگىنىڭ قەرزىنى،
ياتقان ئورنۇڭنى تارتقۇزۇپ قويۇشۇڭنىڭ نېمە ھاجىتى؟ [داۋامى]
8مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا قەرزدار بولغاندىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچقانداق قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى، باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ. [داۋامى]