47_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى يەنە دېڭىزغا تاشلىنىپ ھەر خىل بېلىقلارنى تۇتىدىغان تورغا ئوخشايدۇ. 48تور توشقاندا، بېلىقچىلار ئۇنى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىدۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ، ياخشى بېلىقلارنى ئىلغىۋېلىپ، سېۋەتلەرگە قاچىلاپ، ناچارلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ. 49قىيامەت كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر كېلىپ يامان كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەردىن ئايرىيدۇ 50ۋە ئۇلارنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. [داۋامى]