7بەزى مېھمانلارنىڭ تۆر تالىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە تەمسىل بىلەن مۇنداق دېدى:
8_ تەكلىپ بىلەن توي زىياپىتىگە قاتناشقان ۋاقتىڭىزدا، تۆرگە چىقىۋالماڭ. سىزدىنمۇ ھۆرمەتلىك بىر مېھمان چاقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن. 9ئۇ چاغدا، ساھىبخانا سىزگە: «بۇ ياققا ئورۇن بەرگەيسىز!» دەپ قالسا، ئىنتايىن خىجالەتچىلىكتە پەگاھقا چۈشۈشكە مەجبۇر بولىسىز. 10لېكىن، سىز تەكلىپكە بىنائەن كېلىپ، پەگاھتا ئولتۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ساھىبخانا سىزگە: «دوستۇم، يۇقىرىغا چىقىڭ!» دېسە، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا ئابرويىڭىز بولىدۇ. 11چۈنكى، خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ. [داۋامى]