31شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىر پادىشاھنىڭ ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بولۇپ، يىگىرمە مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ كېلىۋاتقان ئىككىنچى بىر پادىشاھ بىلەن ئۇرۇشقىلى بارماقچى بولسا، ئۇ جەزمەن ئالدى بىلەن ئۆز كۈچىنى سىناپ، رەقىبىگە تاقابىل تۇرالايدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ كۆرىدۇ ئەمەسمۇ؟! 32ئەگەر «تاقابىل تۇرالمايمەن» دېگەن قارارغا كەلسە، دۈشمەن قوشۇنى تېخى يىراقتىكى ۋاقتىدا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشنى ئۆتۈنىدۇ. 33شۇنىڭغا ئوخشاش، قايسىڭلار بولسۇن بار-يوقۇڭلاردىن ۋاز كەچمىسەڭلار، مېنىڭ شاگىرتىم بولالمايسىلەر. [داۋامى]