8_ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىر ئايالنىڭ ئون دانە قىممەتلىك كۈمۈش تەڭگىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرىنى يوقىتىپ قويسا، قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ جەزمەن چىراغنى ياندۇرۇپ، ئۆينى سۈپۈرۈپ تاكى تەڭگە تېپىلغۇچە ھەممە يەرنى زەن قويۇپ ئاختۇرۇپ چىقىدۇ. 9ناۋادا تېپىۋالسا، قولۇم-قوشنا، يار-بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «يوقىتىپ قويغان تەڭگەمنى تېپىۋالغىنىمغا ئىنتايىن خۇشالمەن! تەبرىكلەيلى!» دەيدۇ. 10مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ھەربىر گۇناھكارنىڭ توۋا قىلغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. [داۋامى]