بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەلچى پاۋلۇس بولۇپ، ئۇ ياش خىزمەتدىشى ۋە ياردەمچىسى تىموتىيغا ئۆز نەسىھەتلىرىنى قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ خەتنى يازغان. ئۇ بۇ خەتنى يازغان چاغدا كىشەنلىنىپ، سوغۇق كامېرغا سولىنىپ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھاياتىنىڭمۇ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.
بۇ خەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى سەۋر-تاقەت توغرۇلۇق بولۇپ، پاۋلۇس تىموتىينى ھېچقانداق قىيىنچىلىقتىن قورقماي، ئەيسا مەسىھكە باشتىن ئاخىر سادىقلىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىشكە، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىدە ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىكى تەلىملەردە چىڭ تۇرۇشقا، جامائەتچىلىكتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان.
پاۋلۇس تىموتىيغا ئەخمىقانە ۋە بىھۇدە تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتكەن. پاۋلۇس ئۆز ھاياتى، سەۋر-تاقىتى، مېھىر-مۇھەببىتى ھەمدە باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىغاندىكى قىيىنچىلىققا تاقەت قىلىشىنى، بولۇپمۇ ئۆزىدىكى ئېتىقادنى تىلغا ئېلىش بىلەن تىموتىيغا ئۈلگە بولۇشنى ئۈمىد قىلغان.