1ئېتىقادى ئاجىز قېرىنداشلارنىڭ* پىكىرلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم قىلماي، ئۇلارنى قوبۇل قىلىڭلار. 2بەزى ئېتىقادچىلار ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. لېكىن، بەزىلەرنىڭ ئېتىقادى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، گۆش يېمەيدۇ. 3ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلار گۆش يېمەيدىغانلارنى كەمسىتمىسۇن ھەمدە گۆش يېمەيدىغانلارمۇ ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىسۇن. چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى قوبۇل قىلغان. 4خۇدانىڭ خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىدىغان سەن كىم ئىدىڭ؟ ئۇلارغا ئىگىسى بولغان خۇدا ئۆزى مەسئۇل. خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش ياكى ئۇنى ئاقلاش خۇدانىڭ ئىشىدۇر. خۇدا ئۇنى ئەيىبسىز قىلالايدۇ. چۈنكى، رەببىمىز بۇنداق قىلىشقا قادىردۇر.
5بەزىلەر مەلۇم كۈنلەرنى باشقا كۈنلەردىن مۇھىم دەپ قارايدۇ،* يەنە بەزىلەر ھەممە كۈننى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. بۇ ئىشتا ھەركىم ئۆز ۋىجدانى بويىچە قارار چىقارسۇن. 6بەزىلەر مەلۇم بىر كۈننى قەدىرلەپ، بۇنىڭ بىلەن رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىلەر، يەنى ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلارمۇ شۇ يېگىن يېمەكلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىدۇ. گۆش يېمەيدىغانلارمۇ خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىدۇ. 7ھېچقايسىمىز پەقەتلا ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشىمايمىز ۋە ھېچقايسىمىز پەقەتلا ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆلمەيمىز. 8بەلكى، ياشىساقمۇ، ئۆلسەكمۇ رەببىمىز ئۈچۈندۇر، قىسقىسى، قانداقلا بولساق، رەببىمىزگە مەنسۇپمىز. 9ئەيسا مەسىھ ھەم ئۆلگەنلەرنىڭ، ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇش ئۈچۈن ئۆلۈپ تىرىلدى. 10ئۇنداقتا، گۆش يېمەيدىغان سەن نېمە ئۈچۈن ھەممە يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان قېرىندىشىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىسەن؟ ھەممە يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان سەنمۇ نېمە ئۈچۈن گۆش يېمەيدىغان قېرىندىشىڭنى كەمسىتىسەن؟ ھەممىمىزنىڭ خۇدانىڭ ھۆكۈم تەختىنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمسەن؟ 11بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:
«پەرۋەردىگار دەيدۇكى:
مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
پۈتكۈل ئىنسان ئالدىمدا تىزلىنىپ سەجدە قىلىدۇ،
پۈتكۈل ئىنسان مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىدۇ.»
12دېمەك، ھەربىرىمىز خۇدا ئالدىدا ئۆزىمىزدىن ھېساب بېرىمىز.
13شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر-بىرىڭلارنى ئەيىبلەشنى توختىتىڭلار. قېرىندىشىڭلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى گۇناھقا يىقىتىشقا سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق ئىش قىلماسلىقنى قارار قىلىڭلار. 14رەببىمىز ئەيساغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەن شۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىمەنكى، ھەرقانداق يېمەكلىكنىڭ ئۆزى ھارام ئەمەستۇر. لېكىن، مەلۇم يېمەكلىكنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن، ئۇ يېمەكلىك ھارامدۇر. 15ئەگەر سىلەر يېمەكلىكىڭلار سەۋەبىدىن ئېتىقادى ئاجىز بولغان قېرىندىشىڭلارنى ئۆز ۋىجدانى كۆتۈرمەيدىغان ئىشلارغا دەۋەت قىلساڭلار، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسىلەر. سىلەر بۇ قېرىندىشىڭلارنى يېمەكلىك سەۋەبىدىن نابۇت قىلماڭلار. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان. 16ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلغاندا باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىساڭلار، ئۇنداقتا بۇنداق ئىشلارنى قىلماڭلار! 17چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ياشاش ئەمەس، بەلكى ھەققانىيلىق، ئىناقلىق ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە ياشاش مۇھىمدۇر. 18مۇنداق ياشاش بىلەن ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغان كىشى خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ.
19شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ئىشلارغا ئاتايلى. 20يېمەكلىك سەۋەبىدىن، خۇدانىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بۇزمايلى. ئەلۋەتتە، ھەممە يېمەكلىك ھالالدۇر. بىراق، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يېمەكلىكى سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالسا، بۇ دۇرۇس بولمايدۇ. 21شۇنىڭ ئۈچۈن، گۆش يېيىش، شاراب ئىچىش، شۇنداقلا باشقا ئىشلارنى قىلىشىڭلار قېرىندىشىڭلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولسا، بۇلارنى قىلمىغىنىڭلار تۈزۈك. 22سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدا بولسۇن. ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! 23لېكىن، بىرەر يېمەكلىككە شەك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، يەنە شۇ يېمەكلىكنى يېگەن كىشى ۋىجدانىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزى يېگەن يېمەكلىكنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىدى. توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ يوق ھالدا قىلىنغان ھەرقانداق ئىش گۇناھتۇر.
*1ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئىلگىرى يەھۇدىي ۋە باشقا ھەر خىل غەيرىي دىنلارغا ئىشىنەتتى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرىدا خۇدانى «خۇرسەن قىلىش» ئۈچۈن يېمەكلىك جەھەتتە كۈچلۈك قائىدىلەر بار ئىدى. لېكىن، خۇش خەۋەردە بولسا مۇنداق قائىدىلەر يوق. چۈنكى، ئادەم ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ. بىراق، بىر قىسىم ئېتىقادچىلار بۇ يېڭى «ئەركىنلىك»نى تولۇق چۈشەنمىگەچكە، كونا ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى داۋام قىلدى. پاۋلۇس مۇنداق ئېتىقادچىلارنى «ئېتىقادى ئاجىز قېرىنداشلار» دەپ ئاتىدى.
*5ئېتىقادچىلارنىڭ بىر قىسمى يەھۇدىي بولۇپ، ئۇلار يەنىلا تەۋراتتا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى بۇرۇنقىدەك داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ قارايتتى.