1يەتتىنچى يىلى باش روھانىي يىھويادا قاتتىق جاسارەتكە كېلىپ، يۈزبېشىلار، يەنى يىروخامنىڭ ئوغلى ئازاريا، يىھوخاناننىڭ ئوغلى ئىسمائىل، ئوبېدنىڭ ئوغلى ئازاريا، ئادايانىڭ ئوغلى مائاسېيا ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى ئېلىشافات بىلەن بىر نىيەتكە كېلىشتى. 2ئۇلار يەھۇدىيەنى ئايلىنىپ، يەھۇدىيەنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىن لاۋىيلارنى ۋە جەمەت باشلىقلىرىنى يېرۇسالېمغا يىغدى. 3يىغىلغانلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدىغان يوئاش بىلەن ئەھدە تۈزدى. باش روھانىي يىھويادا ئۇلارغا:
_ مانا، بۇ پادىشاھنىڭ ئوغلىدۇر! پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئېيتقىنىدەك، ئۇ پادىشاھ بولسۇن، _ دېدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى، 4_ سىلەر ئەمدى مۇنداق قىلىڭلار: كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان روھانىي ۋە لاۋىيلاردىن ئۈچتىن بىرىڭلار دەرۋازىۋەن بولۇڭلار. 5يەنە بىر ئۈچتىن بىرىڭلار پادىشاھ ئوردىسىدا مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭلار. قالغان ئۈچتىن بىرىڭلار «ئۇل دەرۋازىسى»دا مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭلار. باشقىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىلىرىدا بولسۇن. 6لېكىن روھانىيلار ۋە نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرمىسۇن. پەقەتلا ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر. قالغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئىبادەتخانىغا كىرمىسۇن. 7قالغان لاۋىيلار قوراللىنىپ، يوئاشنىڭ تۆت ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئۇنى قوغدىسۇن. بىرەرسى ئىبادەتخانىغا كىرمەكچى بولسا، ئۆلتۈرۈلسۇن. يوئاش مەيلى نەدە تۇرمىسۇن، سىلەر ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماڭلار.
8لاۋىيلار ۋە يەھۇدىيەلىكلەر باش روھانىي يىھويادانىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىشتى. باش روھانىي يىھويادا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىشىگە ئىجازەت بەرمىدى. شۇ دەم ئېلىش كۈنىدە مەيلى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەر، مەيلى نۆۋەتچىلىككە چىققانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ كېلىشتى. 9باش روھانىي يىھويادا بۇرۇن داۋۇت پادىشاھقا تەۋە بولغان، ھازىر خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نەيزە ۋە چوڭ-كىچىك قالقانلارنى يۈزبېشىلارغا تاپشۇردى. 10باش روھانىي يىھويادا يوئاشنى قوغداش ئۈچۈن ئىبادەتخانىدىكى پۈتۈن كىشىلەرنى قوللىرىدا قورال-ياراغلىرىنى تۇتقان ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ھالەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە يوئاشنى چۆرىدەپ تۇرغۇزدى. 11باش روھانىي يىھويادا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى ئېلىپ چىقىپ، بېشىغا تاج كىيدۈردى. ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدىن بىر نۇسخىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئۇلار يوئاشنىڭ بېشىغا زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. خەلق «ياشىسۇن پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى.
12ئاتاليا خەلقنىڭ يۈگۈرگەن ئاۋازلىرىنى ۋە پادىشاھنى مەدھىيەلەش سادالىرىنى ئاڭلاپ، ئىبادەتخانىغا يىغىلغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا باردى. 13شۇ چاغدا يوئاش ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى «پادىشاھ تۈۋرۈكى»نىڭ يېنىدا، يۈزبېشىلار ۋە كانايچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئاتاليا خەلقنىڭ خۇشاللىققا چۆمۈپ، كاناي چېلىۋاتقانلىقىنى ۋە نەغمىچىلەرنىڭ مۇزىكا چېلىپ، مەدھىيەلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتتى ۋە «ئاسىيلىق، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
14باش روھانىي يىھويادا ئاتاليانىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇننىڭ يۈزبېشىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا:
_ بۇ خوتۇننى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار! كىمكى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى چېپىپ تاشلاڭلار، _ دېدى.
15شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، ئوردىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى ۋە ئۇنى ئاتلىقلار كىرىدىغان دەرۋازىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى.
16باش روھانىي يىھويادا يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولۇشى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن پادىشاھ ۋە پۈتۈن خەلق ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى. 17ئاندىن پۈتۈن خەلق بائال بۇتخانىسىغا بېرىپ، بۇتخانىنى چېقىۋېتىشتى. ئۇلار بائالنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋە بۇتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بائالنىڭ روھانىيسى ماتتاننى قۇربانلىق سۇپىلىرى ئالدىدا ئۆلتۈردى.
18باش روھانىي يىھويادا داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن پەرۋەردىگارىمىز ئىبادەتخانىسىنىڭ نازارىتىنى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارغا تاپشۇردى. ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇشنى ۋە داۋۇت ئەمر قىلغاندەك شاد-خۇراملىق بىلەن ناخشا ئېيتىشنى بۇيرۇدى. 19نېمە سەۋەبتىن ناپاك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېچقانداق ناپاك ئادەم كىرمىسۇن دەپ، دەرۋازىۋەنلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىغا تۇرغۇزدى.
20ئۇ يەنە يۈزبېشىلار، كاتتا زاتلار، يۇقىرى ئەمەلدارلار ۋە شۇ يەردىكى پۈتۈن خەلقنى باشلاپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، يۇقىرى دەرۋازا ئارقىلىق ئوردىغا كىردى. ئاندىن يوئاشنى پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. 21پۈتۈن خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ، شەھەر خاتىرجەم بولدى. چۈنكى ئاتاليا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.