«مىسىردىن چىقىش»تا ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا قۇللۇق ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ خۇدا ئەجدادى ئىبراھىمغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان قانان زېمىنىغا باشلاپ مېڭىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن.
بۇ جەريانىدا مۇسا پەيغەمبەر خۇدادىن ئون پەرز ۋە نۇرغۇن قائىدە-نىزاملارنى قوبۇل قىلغان. خۇدانىڭ يەھۇدىيلارغا بۇلارنى بېرىشتىكى مەقسىتى، يەھۇدىي جامائەتچىلىكىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئۇلارغا خۇداغا قانداق ئىبادەت قىلىشنى كۆرسىتىش ئىدى.