1پادىشاھ ئاخاشۋېروش ئۆز ئىمپېرىيىسىنىڭ پۈتۈن يەرلىرىدىن، ھەتتا ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان جايلاردىن ئالۋان يىغاتتى. 2ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، پائالىيەتلىرى ۋە موردىكاينى قانداق ئۆستۈرۈپ، مەرتىۋىگە چىقارغانلىقى پېرسىيە ۋە مىدىيا پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسىگە يېزىلغانىدى. 3يەھۇدىي موردىكاي ئۆز خەلقىنىڭ بەختىنى ئىزدەپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تىنچلىقىنى ياقلىغاچقا، يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئىززەت تېپىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنىدى. ئۇ مەرتىۋە جەھەتتە پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ كەينىدىلا تۇراتتى.