«ھېكمەتلەر» دەپ ئاتالغان بۇ قىسىمدا ھېكمەت ئىگىسى دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق قۇياش ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەمنىڭ ئاددىي ھاياتى بىلەن خۇدادىن ئەيمەنگۈچىنىڭ ھاياتىنى سېلىشتۇرىدۇ.
ئۇ ئاۋۋال دانالىق، بايلىق، خۇشاللىق ھەققىدە ئويلىنىدۇ. ئۇ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشلىتىپ، بايلىق توپلاپ، تۇرمۇشىنى خۇشال ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ، بىراق ئۇ بۇ تۇرمۇشىدىن خۇشاللىق تاپالمايدۇ. ئۇ ئېرىشكەن ھەممە نەرسىسىنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ جەرياندا دۇنيانىڭ ئادالەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ھەممە ئىشىنىڭ خۇددى شامالنىڭ كەينىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
لېكىن ھېكمەت ئىگىسى ھەممە نەرسىنى خۇدانىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئىلتىپاتسىز ھاياتتا ھېچ نېمىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئۇ ئاخىرىدا ھاياتتىن خۇلاسە چىقىرپ، ئىنسانلارنىڭ ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانى ھەر دائىم ئېسىدە تۇتۇشىنى، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشىنى تەكىتلەيدۇ.
«ھېكمەتلەر»نى يېزىپ قالدۇرغان ھېكمەت ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، لېكىن قەدىمقى يازمىلاردىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا «ھېكمەتلەر»نى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى سۇلايمان يازغان بولۇشى مۇمكىن.