خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولغان يەھۇدىيلار مىلادىيەدىن بۇرۇن 537-يىلى بابىلدىكى سۈرگۈندىن ئۆز يۇرتى يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلدى. دەسلەپتە ئۇلار ئۆز يۇرتىدا پەرۋەردىگارغا قايتىدىن ئىبادەت قىلالىغانلىقىدىن ھاياجانغا چۆمگەنىدى. بىراق ئىبادەتخانا ۋە يېرۇسالېم سېپىلىنى قايتىدىن قۇرۇش ئىشلىرى قىيىنغا توختىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى يوقىلىشقا باشلىدى. يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كېلىپ تەخمىنەن يۈز يىلدىن كېيىن، پەرۋەردىگار مالاكى پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۆز خەلقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ يولىغا قايتىپ كېلىشكە چاقىرىق قىلىپ، ۋەھىي چۈشۈردى.
«مۇقەددەس كىتاب»نىڭ «مالاكى» قىسمىنىڭ ئاخىرىدا مالاكى پەيغەمبەر خەلققە، خۇدا ۋەدە قىلىپ ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچىنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي چوقۇم كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. قۇتقۇزغۇچى كېلىدىغان بۇ كۈن بەزىلەر ئۈچۈن سوراق كۈنى، يەنە بەزىلەر ئۈچۈن خۇدانىڭ قۇتقۇزۇشىنى باشتىن كەچۈرىدىغان كۈن بولىدۇ. مالاكى پەيغەمبەر يەنە، خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنىڭ كېلىشىگە يول ھازىرلاش ئۈچۈن ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
«مۇقەددەس كىتاب»نىڭ ئۇشبۇ قىسمى باشقا قىسىملارغا قارىغاندا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بايان قىلىش ئۇسۇلى پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىش شەكلىدە ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭدا، خەلق خۇدانىڭ ئەيىبلىشىگە، رەت قىلىش بىلەن جاۋاب بەرگەن. ئاندىن خۇدا ئۆزىنىڭ ئەيبلىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. كۆپ ۋاقىتلاردا كىشىلەر خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە نېمىنىڭ تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. نۇرغۇن ئالىملار مالاكى پەيغەمبەرگە چۈشكەن بۇ ۋەھىينى، كونا ئەھدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋەھىي، دەپ قارايدۇ.