« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »دا دۇنيانىڭ ئاپىرىدە بولۇشى، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشى، گۇناھ ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ھەمدە خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان ئالاقىسى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنىدۇ. ئادەمئاتا بىلەن ھاۋائانا، نۇھ پەيغەمبەر ۋە توپان بالاسى ھەم ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ خۇداغا بولغان كۈچلۈك ئېتىقادى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارمۇ تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىبراھىمنىڭ ئوغۇللىرى ئىسمائىل، ئىسھاق ۋە نەۋرىلىرى، بولۇپمۇ يۈسۈپ ھەمدە يۈسۈپ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ مىسىرغا كۆچۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بايان قىلىنىدۇ.