زىفانىيا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ياشاپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگەن بىر پەيغەمبەردۇر. ئۇ ۋەھىي يەتكۈزگەن بۇ ئىشلار پادىشاھ يوشىيا مىلادىيەدىن بۇرۇن 621-يىلى ئېلىپ بارغان دىنىي ئىسلاھاتلاردىن بىرنەچچە يىل بۇرۇن بولغان بولۇشى مۇمكىن. زىفانىيا پەيغەمبەر خەلقنى «پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى»دىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.
ئۇ ۋاقىتتا يەھۇدا خەلقى ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنغانلىق سەۋەبىدىن جازالىنىدۇ. پەرۋەردىگار باشقا خەلقلەرنىمۇ جازالايدۇ. گەرچە يېرۇسالېم كەلگۈسىدە ۋەيران قىلىنسىمۇ، لېكىن كېيىنچە ئۇ شەھەرنىڭ ئادىل ۋە كەمتەر خەلقى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.