1_ دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئاتلار، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە سىلەردىنمۇ كۆپ لەشكەرلەرگە دۇچ كەلسەڭلار، ئۇلاردىن قورقۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ. 2سىلەر ئۇرۇشقا چىقىشتىن ئىلگىرى، روھانىي لەشكەرلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ مۇنداق دېسۇن: 3«ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار! بۈگۈن سىلەر دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىسىلەر. يۈرەكسىزلىك قىلماڭلار، قورقماڭلار، ھودۇقماڭلار، ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار! 4چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە يار بولۇپ، سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، سىلەرنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ.»
5لەشكەر باشلىرى ئۇلاردىن مۇنداق دەپ سورىسۇن: «ئاراڭلاردا يېڭىدىن ئۆي سالغان، لېكىن ئۇنىڭدا ئولتۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەنلەر بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۆيىگە قايتىپ، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلانسۇن. بولمىسا باشقىلار ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرىدۇ. 6ئاراڭلاردا ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلغان، لېكىن مېۋىسىدىن تېخى تېتىپ باقمىغانلار بارمۇ؟ بولسا، ئۇمۇ ئۆيىگە قايتىپ، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلانسۇن. بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈزۈملىرىدىن باشقىلار بەھرىلىنىدۇ. 7ئاراڭلاردا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن، لېكىن تېخىچە توي قىلمىغانلار بارمۇ؟ بولسا، ئۇمۇ ئۆيىگە قايتىپ، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلانسۇن. بولمىسا، ئۇنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزىنى باشقىلار خوتۇنلۇققا ئالىدۇ.»
8لەشكەر باشلىرى لەشكەرلەردىن يەنە مۇنداق دەپ سورىسۇن: «ئاراڭلاردا يۈرەكسىزلىك قىلىپ، قورقىدىغانلار بارمۇ؟ بولسا، باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۆيىگە قايتسۇن.» 9لەشكەر باشلىرى لەشكەرلەردىن سوراپ بولغاندىن كېيىن، سەركەردىلەرنى تەيىنلىسۇن.
10سىلەر بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ سۈلھى قىلىشىغا پۇرسەت بېرىڭلار. 11ئەگەر ئۇلار تەسلىم بولۇپ، شەھەر دەرۋازىلىرىنى ئاچسا، ئۇلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇلدەك ئىشلىتىڭلار. 12ئەگەر ئۇلار تەسلىم بولۇشقا ئۇنىماي، ئۇرۇش قىلماقچى بولسا، ئۇ شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىڭلار. 13پەرۋەردىگار خۇدا بۇ شەھەرنى سىلەرگە تاپشۇرغان ۋاقتىدا، شەھەردىكى بارلىق ئەرلەرنى قىرىپ تاشلاڭلار. 14لېكىن شەھەردىكى ئاياللار، بالىلار، چارۋا ماللار ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ نەرسىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇڭلار، چۈنكى بۇ نەرسىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغاندۇر. 15بۇنى پەقەت يىراقتىكى شەھەرلەرگە ئىشلىتىڭلار. يېقىندىكى ئەللەرنىڭ شەھەرلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. 16لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يېقىندىكى ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىنى سىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىڭلارغا بەرگەندۇر. سىلەر بۇ شەھەرلەردە بىرەر جاننىمۇ تىرىك قالدۇرماڭلار. 17پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغىنىدەك، خىت، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس ئەللىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. 18بولمىسا ئۇلار سىلەرنى ئازدۇرۇپ، بۇتقا چوقۇنۇشتەك ھەرخىل يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قارشى ئېغىر گۇناھتۇر.
19بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇزاققىچە ئالالمىساڭلار، ئۇ يەردىكى مېۋىلىك دەرەخلەرنى كەسمەڭلار، چۈنكى مېۋىسىنى يەيسىلەر. ئېتىزدىكى دەرەخلەر سىلەر قورشاپ ھۇجۇم قىلىدىغانغا ئادەم ئەمەسقۇ!؟ 20لېكىن شەھەرنى قورشاش ئۈچۈن مېۋىسىز دەرەخلەرنى كەسسەڭلار ۋە ئۇلارنى تاكى شەھەرنى ئالغۇچە ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.