1_ ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار! يېقىندا سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلىسىلەر. ئۇلار سېپىللىرى بۇلۇتقا تاقاشقان چوڭ شەھەرلەردە ياشايدۇ. 2ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك ۋە بويلىرى ئېگىز بولغان ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ باردۇر. سىلەر ئۇلارنى بىلىسىلەر ھەم «ئاناقلارغا كىم قارشى تۇرالايدۇ؟» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئاڭلىغان. 3لېكىن بۈگۈن بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالدىڭلاردا خۇددى دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتەك مېڭىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرىدۇ ۋە ھالاك قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، تېزلا يوقىتىسىلەر. بۇ ئىشلار خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك بولىدۇ. 4پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇ ئەللەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، سىلەر ئۆزۈڭلارچە «بىز ھەققانىي بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار بىزنى بۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئېلىپ كەلدى» دەپ ئويلىماڭلار. ئەمەلىيەتتە، ئۇ يەردىكى ئەللەر رەزىل بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقاردى. 5سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئىش-ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھەققانىي، دۇرۇس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ رەزىل بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلىۋېتىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى سەۋەبىدىندۇر. 6بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئۇ گۈزەل زېمىننى مۈلۈك قىلىپ بېرىشى، سىلەرنىڭ ھەققانىي بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەستۇر. ئەمەلىيەتتە سىلەر جاھىل خەلقسىلەر.
7_ خەلقىمىزنىڭ چۆللۈكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قانداق ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۇنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. خەلق مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدى. 8سىناي تېغىدا خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقىنى شۇنداق كەلتۈردىكى، ئۇ خەلقنى ھالاك قىلماقچى بولدى. 9مەن تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ خەلق بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى يېزىلغان تاش تاختىلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن چىقتىم. تاغ ئۈستىدە 40 كېچە-كۈندۈز تۇردۇم، نان يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم. 10پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى پارچە ئەھدە تېشىنى بەردى. تاش تاختىلارنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ كۈنى خەلق تاغ ئېتىكىگە يىغىلغاندا، خۇدا تاغدىكى ئوت ئىچىدە تۇرۇپ خەلققە ئېيتقان سۆزلىرى يېزىلغانىدى. پەرۋەردىگار ئەھدىنى تاش تاختىلارغا ئۆز بارمىقى بىلەن ئويغانىدى. 11قىرىق كېچە-كۈندۈزدىن كېيىن پەرۋەردىگار ئەھدە يېزىلغان ئىككى پارچە تاش تاختىنى ماڭا بەردى. 12ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: «تېزدىن تاغدىن چۈشكىن، سەن ئۆزۈڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان بۇ خەلق تاپتىن چىقتى. ئۇلار شۇنچە تېزلا مەن ئەمر قىلغان يولدىن چىقىپ، ئۆزلىرىگە بۇت ياسىۋالدى!» دېدى.
13پەرۋەردىگار ماڭا: «مەن بۇ خەلقنىڭ جاھىللىقىنى كۆرۈپ يەتتىم. 14مېنى توسما، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىپ، يەر يۈزىدىن نامىنى يوقىتاي. مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلاردىنمۇ چوڭ ۋە كۈچلۈك بىر خەلق قىلىمەن» دېدى. 15مەن ئەھدە يېزىلغان ئىككى پارچە تاش تاختىنى قولۇمدا ئېلىپ، تاغدىن قايتىپ چۈشتۈم. تاغدا تېخىچىلا ئوت يالقۇنلاپ تۇراتتى. 16كۆردۈمكى، خەلق پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا ئېغىر گۇناھ قىلىپ، موزاي بۇت ياساپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپتۇ. ئۇ ئەمر قىلغان يولدىن شۇنچە تېز چەتنەپتۇ. 17شۇنىڭ بىلەن مەن قولۇمدىكى ئاشۇ ئىككى پارچە تاش تاختىنى خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇرۇپ چېقىۋەتتىم.
18مەن يەنە بىر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز نان يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم، چۈنكى خەلقىمىز ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار يىرگىنىدىغان ئىشنى قىلىپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 19پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولغانلىقىدىن قورقتۇم. لېكىن پەرۋەردىگار يەنە بىر قېتىم مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى ئاڭلىدى. 20پەرۋەردىگار ھارۇنغا شۇنچىلىك غەزەپلەندىكى، ھەتتا ئۇنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولدى. مەن يەنىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتۈندۈم. 21سىلەر موزاي بۇت ياساپ گۇناھ قىلدىڭلار، شۇڭا مەن ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتتىم. ئاندىن ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىپ، تاغدىن ئېقىپ چۈشكەن ئېرىققا چېچىۋەتتىم.
22خەلقىمىز تابئېرا، ماسساھ ۋە قىبروت-ھاتتائاۋادىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. 23پەرۋەردىگار خەلقنى كادېش-بارنېيادىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە ئەمر قىلغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى رەت قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىشەنمىدى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدى. 24مەن سىلەرنى تونۇغاندىن بېرى، سىلەرمۇ داۋاملىق پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار.
25پەرۋەردىگار سىلەرنى ھالاك قىلىمەن دېگەچكە، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، 26ئۇنىڭدىن ئۆتۈندۈم: «ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ھالاك قىلمىغىن! ئۇلار سېنىڭ مۈلكۈڭدۈر، سەن ئۇلارنى ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن قۇتقۇزدۇڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ. 27سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنى ياد ئېيتىپ، بۇ خەلقنىڭ جاھىللىقى، رەزىللىكى ۋە گۇناھلىرىغا نەزەر سالمىغىن. 28مىسىرلىقلار: ‹ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ۋەدە قىلغان زېمىنىغا ئېلىپ بارالماپتۇ. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەچكە، ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن چۆلگە ئېلىپ بېرىپتۇ!› دېمىسۇن. 29ئۇلار نېمىلا بولسۇن، سېنىڭ خەلقىڭ، سېنىڭ مۈلكۈڭ، ئۇلارنى يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ھەممىگە قادىر قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ.»