1ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى:
2«سۆزلىرىمنى ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار،
بۇ سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن تەسەللىلىرىڭلار بولسۇن.
3سۆزلىرىم تۈگىگۈچە چىداپ ئاڭلاڭلار،
ئۇنىڭدىن كېيىن مەسخىرە قىلساڭلارمۇ ئۈلگۈرىسىلەر.
4ئەجەبا مەن ئىنسانلاردىن ئاغرىنىۋاتىمەنمۇ؟
تاقەتسىزلىنىشكە سەۋەبىم بار.
5مېنى كۆرسەڭلار ھەيران قالىسىلەر،
ھاڭ-تاڭ بولۇپ، ئاغزىڭلارنى قولۇڭلاردا ئېتىۋالىسىلەر.
6ئەھۋالىمنى ئويلىساملا قورقۇپ كېتىمەن،
پۈتۈن بەدىنىمنى تىترەك باسىدۇ.
7نېمە ئۈچۈن رەزىللەر ياشايدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، كۈچى زورىيىدۇ؟
8ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى چوڭ بولۇپ، تۇرمۇشقا چىقىدۇ،
نەۋرىلىرىنىڭمۇ ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقىنى كۆرىدۇ.
9ئۇلارنىڭ ئائىلىسى خاتىرجەم، بىخەتەردۇر،
ئۇلار خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرىمايدۇ.
10ئۇلارنىڭ بۇقىلىرى كۈچلۈكتۇر،
ئىنەكلىرى زىنھار قىسىر قالمايدۇ ھەم بالىسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
11ئۇلارنىڭ بالىلىرى سىرتلاردا خۇددى قوي پادىلىرىدەك خۇشال ھالدا سەكرىشىپ ئوينايدۇ.
12ئۇلار داپ بىلەن لىراغا تەڭكەش قىلىشىپ ناخشا ئېيتىشىدۇ،
نەي ئاۋازىدىن شادلىنىدۇ.
13ئۇلار بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشاپ، خاتىرجەم ھالدا باقىي دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ.
14ئۇلار خۇداغا: ‹بىزدىن نېرى بول، سېنىڭ يولۇڭنى ئۆگەنگۈمىز يوق،
15كىمكەن ئۇ، ھەممىگە قادىر خۇدا دېگەن، ئۇنىڭغا نېمىشقا ئىبادەت قىلغۇدەكمىز؟
ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار ئىكەن› دېيىشىدۇ.
16ئۇلار: ‹بەختىم ئۆز قولۇمدىن كەلگەن› دەپ ئويلايدۇ،
لېكىن مەن ئۇلارنىڭ پىكىرىگە قەتئىي قوشۇلمايمەن.
17رەزىللەرنىڭ چىرىغى قاچان ئۆچۈپ باققان؟
ئۇلار قاچان بالا-قازاغا يولۇقۇپ باققان؟
خۇدانىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ئۇلارنى قاچان جازالاپ باققان؟
18ئۇلار قاچان شامالدا قالغان ساماندەك،
بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەن توپاندەك بولۇپ باققان؟
19سىلەر: ‹خۇدا جازاسىنى ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا بېرىدۇ› دەيسىلەر،
ئەمما مەن: ‹ئۇلارنىڭ ئۆزىنى جازالاپ،
جازانىڭ تەمىنى ئۆزلىرىگە تېتىتىپ باقسۇن!› دەيمەن.
20ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھالاكىتىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن،
ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ تەمىنى ئۆزلىرى تېتىسۇن.
21ئۇلارنىڭ ۋاقتى توشۇپ، دۇنيادىن ئۆتكەندىن كېيىن،
ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ غېمىنى يېيەلمەيدۇ.
22خۇدا ئەرشتىكى ئۇلۇغلارنىمۇ سوراققا تارتالايدىغان تۇرسا،
كىممۇ ئۇنىڭغا بىلىم بېرەلىسۇن؟
23بەزىلەرنىڭ تاكى ئۆلگۈچە ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ،
خاتىرجەم، راھەت-پاراغەتتە ياشايدۇ.
24ئۇلارنىڭ قۇۋۋىتى تولۇق،
سۆڭەكلىرى بەردەم بولىدۇ.
25بەزىلەر ئۆلگۈچە ئازاب بىلەن ياشايدۇ،
بەختنىڭ تەمىنى ئەسلا تېتىپ باقمايدۇ.
26ھەر ئىككىلىسى تۇپراققا كۆمۈلۈپ، قۇرت-قوڭغۇزلارغا يەم بولىدۇ.
27سىلەرنىڭ خىيالىڭلارنى، ماڭا ئۇۋال قىلىۋاتقان ھىيلە-مىكرىڭلارنى ياخشى بىلىمەن.
28سىلەر ‹زالىم ھوقۇقدارلارنىڭ ئۆيى قەيەردە،
رەزىللەرنىڭ چېدىرى نەگە كەتتى؟› دەپ سورايسىلەر.
29ئەجەبا سىلەر يولۇچىلاردىن سوراپ باقمىغانمۇ؟
ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغانمۇ؟
30شۇنداق، رەزىللەر ئاپەت كۈنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ،
خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ.
31كىممۇ ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىيەلىسۇن،
كىممۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا لايىق جازاسىنى بېرىدۇ؟
32ئۇلار قەبرىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ،
ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى باقىدىغانلار چىقىدۇ.
33ئۇلار سان-ساناقسىز ئۆلۈم ئۇزاتقۇچىلارنىڭ داغدۇغىسى بىلەن قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىلىدۇ،
داق يەرمۇ ئۇنىڭ جەسىتىگە ئارام بېرىدۇ.
34سىلەرنىڭ قۇرۇق گېپىڭلار ماڭا تەسەللى بېرەلەرمۇ؟
سىلەرنىڭ جاۋابىڭلار يالغانچىلىقتۇر.»